سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

2025.01.10 14:33 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېلدا سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو (سولدىن 1-كىشى) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە مەخسۇس خادىمى دان يوگېنسېن (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ئەگەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۆتىدىغان تەبىئىي گاز تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسى مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا، سىلوۋاكىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى توختىتىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ