1-ئاينىڭ 9-كۈنى، 5-قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شىنجاڭ گۇڭئەن نازارىتى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2024-يىللىق شىنجاڭنىڭ گۇڭئەن خىزمىتىدىكى نەتىجىلەر ۋە يارقىن نۇقتىلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 2024-يىلى، شىنجاڭ ساقچى تەرەپ جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا تۇرغۇزغان دېلو سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.7 ئازايدى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتىللىق دېلولىرىنى پاش قىلىش نىسبىتى %100 بولدى؛ 3000 دىن ئارتۇق ئىقتىسادىي جىنايەت دېلوسىنى پاش قىلىپ، 12 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلدى.
خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى چىڭ كۆزلەشنى بوشاشتۇرماي، ئەنئەنىۋى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق دېلوسىدىن 13 مىڭدىن ئارتۇقنى پاش قىلدى؛ يېمەكلىك-دورا، مۇھىت، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 2804 نى پاش قىلىپ، جىنايەت شايكىسىدىن 182 نى بىتچىت قىلىپ، جىنايەت ئۇۋىسىدىن 119نى بىتچىت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ساغلاملىقى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى.