شىنجاڭ باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، شىزاڭنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بەردى

2025.01.09 14:36 مەنبە: خەلق تورى

شىزاڭ رىكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپەت ئەھۋالىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلمەكتە. 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا 1 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئىئانە قىلىپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.

نۆۋەتتە، 1 مىليون يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى نەقلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يارىلانغان، قازا قىلغان ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىشچى-خىزمەتچى، ئامما ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچىلاردىن ھال سوراشقا ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، شۇ جايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈشىگە تېزدىن ياردەم بېرىشىنى قوللايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ