ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ يىڭجيې (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق دېلوسىنى گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۇەن شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىغا قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى ئارقىلىق، گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۇەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن. يېقىندا، جيايۈگۇەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىشقا چېتىشلىق جىنايەت بىلەن ليۇ يىڭجيېنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.