تايلاند دۆلەت ساقچى باش مەھكىمىسى 7-چېسلا كەچتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ساقچى باش مەھكىمىسىنىڭ باش نازارەتچىسى تاچاسەينىڭ شۇ كۈنى ئەترەتنى باشلاپ تايلاند-بېرما چېگرا رايونىغا جايلاشقان دافۇ مېيسو ناھىيەسىگە بېرىپ جۇڭگولۇق ئەر ئارتىس ۋاڭ شىڭنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تاچاسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم ۋاڭ شىڭنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى. كېيىنكى قەدەمدە، تايلاندنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەگەر ۋاڭ شىڭنىڭ ئادەم توشۇپ سېتىشتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرسە، قوغداش تەرتىپى بويىچە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئارقىلىق ئۇنى جۇڭگوغا ئاپىرىپ قويىدىكەن. ئەگەر ۋاڭ شىڭ ھەرقانداق جىنايى قىلمىشقا چېتىشلىق بولسا، قانۇن تەرتىپى بويىچە داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىدىكەن.