دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نوپۇس چەكلىمىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2025.01.08 15:41 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېسىپ تارقاتقان «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالاقىدار تارماقلار بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نوپۇس چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. جايلارنىڭ نوپۇس، رايون، سالاھىيەت، ئارخىپ، كادىرلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشىغا بولمايدۇ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ