174 مىليارد 500 مىليون پارچە! سىز قانچىلىك تۆھپە قوشتىڭىز؟

2025.01.08 15:38 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى دۆلەت پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 174 مىليارد 500 مىليون پارچىگە، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ كىرىمى 1 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا%21، %13 ئاشقان.

ئۆتكەن بىر يىلدا، پوچتا تېز يەتكۈزۈش كەسپى دىققەتنى «ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش»تەك گۈزەل ئارزۇغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشتى. 2025-يىلى ساھەلەردە يەنىلا مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ 190 مىليارد پارچىگە يېتىشى، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمىنىڭ 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ