بەزى تورداشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق بىر ئەر ئارتىسنىڭ تايلاند-بىرما چېگراسىدا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدا، باش ئىستانسا مۇخبىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگونىڭ تايلاند چىڭمەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدىن ئېرىشكەن ئىنكاستىن بىلىشىچە: باش كونسۇلخانا 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇلار ئالاقىدار كىشىنىڭ مېيسودا يوقاپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا باش كونسۇلخانىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. باش كونسۇلخانا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ ئىش ھەققىدە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇردى.
باش كونسۇلخانا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ.