شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جاۋ رۇي كەچۈرۈم سورىدى

2025.01.03 14:11 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جاۋ رۇي شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا كەچۈرۈم سوراش باياناتى ئېلان قىلدى. جاۋ رۇي كەچۈرۈم سوراش باياناتىدا تۈنۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى باشقۇرمىغانلىقتىن، رېپىرنى سوقۇۋېتىشتەك يېنىكلىك قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەنلىكىنى، تەسىرگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەردىن ئەڭ چوڭقۇر كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ھەمدە نامۇۋاپىق قىلمىشلاردىن رەسمىي كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى يازدى.

1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، 2024-2025-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 25-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دائىملىق مۇسابىقىدە 3-قېتىم مۇسابىقىلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. جاۋ رۇي تۇنجى مۇسابىقىدە جازالاشقا نارازى بولۇپ، رېپېر بىلەن بەدەن تېگىشىش يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ھوقۇقى تارتىۋېلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ