دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى

2024.12.30 16:15 مەنبە: خەلق تورى

12ـ ئاينىڭ 30-كۈنى ئىشچىلار قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدىن چىقتى.

2024 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى سائەت 11 لەردە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. تىيانشان غالىبىيەت تونېلى شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر (ئۈرۈمچىدىن لوپنۇرغىچە) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ «بوغۇز» قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2020-يىل 4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشتى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەچچە مىڭ ئىشچى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. چىنلىڭ جۇڭنەنشەن تونېلىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېل قۇرۇلۇشىدىكى يەنە بىر ئۇلۇغ نەتىجە يارىتىلدى. تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تىيانشان تىك چوققىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە پەقەت 20 نەچچە مىنۇتلا كېتىدىغان بولدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ