ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە ئەزەربەيجانلىق 25 يولۇچى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى. ئەزەربەيجاننىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقى تىزىملىكنى ئېلان قىلدى

2024.12.27 15:57 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاقتاۋدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئەزەربەيجانلىق 25 يولۇچىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قازاقىستان تەرەپ بۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 38 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 29 ئادەمنىڭ ھايات قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت تەرەپ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى تېخى يېڭىلىمىدى. شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، قازاقىستان جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان باكۇدىن رۇسىيەنىڭ گروزىنغا ئۇچىدىغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەر ئاقتاۋنىڭ يېقىن ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ