12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈش سائەت 12 دە، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا، كىشىلەر ئەزەربەيجان يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى (سىنلىق كۆرۈنۈش كەسمە رەسىم).
ئەزەربەيجاندا 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەزەربەيجان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. تەزىيە بىلدۈرۈش ۋاقتى شۇ كۈنى چۈش سائەت 12دە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى. پايتەخت باكۇ ۋە ھەرقايسى ئوبلاستلاردا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى، يولدىكى بارلىق ئاپتوموبىللارمۇ يۈرۈشتىن ۋاقتىنچە توختىدى.