ئەڭ يېڭى ئەھۋال! شىنجاڭدىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق نۇرزات بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقتى!

2024.12.27 15:50 مەنبە: خەلق تورى

ئىككى ئايدىن بۇيانقى قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى باشتىن كەچۈرگەن نۇرزاتنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى! مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭدىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق نۇرزاتنىڭ سىچۈەن داشۆسى خۇاشى 2-دوختۇرخانىسىدىن چىقىشى بىلەن، بۇ بىر مەيدان مىڭ چاقىرىمدىن ھالقىغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

12-ئاينىڭ 25--كۈنى سائەت 13 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە نۇرزاتنىڭ دادىسى تېلېفوندا مۇخبىرغا نۇرزاتنىڭ ئوپېراتسىيەسىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ھازىر قىزىمىغانلىقىنى، يۆتەلمىگەنلىكىنى، ئېمىش، ئۇخلاش ئەھۋالىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى، يەنە سەمرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ھازىر ئۇلار مېھمانخانىدا دەم ئېلىپ تەخمىنەن تۆت-بەش كۈندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىدۇ.

10-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭلىق بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق نۇرزات ئۈرۈمچىدىن 新A.0NG25نومۇرلۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ چېڭدۇغا جىددىي يۆتكەلدى، ئۇنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن سىچۈەن داشۆ خۇاشى 2-دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلگەچكە، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى چېڭدۇدىكى سىچۈەن داشۆ خۇاشى 2--دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلدى، بۇ سەپەردە ئۇلار شىنجاڭ، گەنسۇ، سىچۈەندىن ئىبارەت ئۈچ جايدىن ئۆتۈپ جەمئىي 2700 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول باستى.

نۇرزات ئۈچۈن كۈچ قوشقان ھەر بىر كىشىگە رەھمەت

نۇرزاتنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ