12-ئاينىڭ 22-كۈنى 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى جۇڭگو يىللىق چېمپىيونلۇق تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېڭديەندە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن ماھىر تۇرسۇنئاي راخمان توردا ئالقىشقا ئېرىشىپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق Tسەھنىسىدە ماھارەت كۆرسىتىش، سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا مۇنەۋۋەر ئىپادىلەش كۈچى، كەسپىي شەكىل، قائىدە ـ يوسۇن قاتارلىقلارغا تايىنىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى ھەمدە جۇڭگوغا ۋاكالىتەن دۇنياۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
شۇ كۈنى كەچتە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار بىر سەھنىدە مۇسابىقىلىشىپ، كۆپ قېتىم ئېسىل مۇسابىقىلەرنى قانات يايدۇردى، تۇرسۇنئاي راخمان سەھنىدە ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ كەچۈرمىش بىر مەيدان «ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەپىرى» بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا جۇڭگونىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»