2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى كەلدى!

2024.12.25 14:50 مەنبە: خەلق تورى

12- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - يىغىنىدا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارارغا ئاساسەن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 2025-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

سىياسىي كېڭەش 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى يېقىندا 29ـ قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش 14 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنىنى 2025- يىل 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپىنى بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ