12-ئاينىڭ 21-كۈنى، گېرمانىيە بېرلىن شەھىرىدە گېرمانىيە پارلامنېت سارىيى بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ ماگدېبۇرگ روژدېتسۋو بازىرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
گېرمانىيە ماگدېبۇرگدا 20-چېسلا كەچتە روژدېتسۋو بازىرىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 200 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئىچىدە 40تەك ئادەمنىڭ يارىسى ئىنتايىن ئېغىر. گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز 21-چېسلا ماگدېبۇرگقا بېرىپ قازا قىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، بۇ ئىشنى چوقۇم چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.