قانۇنسىز قوبۇل قىلغان مال ـ مۈلۈك 67 مىليون 430 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇشى بىڭتۈەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى جياۋ شياۋپىڭغا 1-سوتتا 14 ـ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
2024 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۇڭچىڭ شەھەرلىك 5 ـ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 ـ سوتتا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن سىلىڭيۈەن جياۋ شياۋپىڭنىڭ پارا ئالغانلىق دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار جياۋ شياۋپىڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 14 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، قوشۇمچە 5 مىليون يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلدى، ئۇنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى ۋە تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.
قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، 2000-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋابكار جياۋ شياۋپىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى مىنىستىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپى، مالىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئىشلار مەھكىمىسى مەبلەغ ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرى، جۇڭگو پاكىز تەرەققىيات مېخانىزمى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىكى قولايلىق ۋە خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنى شەكىللەندۈرگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قەرز پۇل ئېلىش، پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 67 مىليون 430 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. چۇڭچىڭ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى: جاۋابكار جياۋ شياۋپىڭنىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ، سوممىسى ئالاھىدە زور، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك، دەپ قارىدى. جياۋ شياۋپىڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان قىلمىشلىرى بار، دېلوغا بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرىش ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، زاڭ پۇلنى پائال قايتۇردى، دېلوغا چېتىشلىق زاڭ پۇل، زاڭ مالنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت شۇ ئاستا يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.