شىنجاڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدۇ

2024.12.24 15:22 مەنبە: خەلق تورى

23-چېسىلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش سەۋىيەسىنى تەڭشىگەن. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى رايونلار بويىچە ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2070 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ؛ غۇلجا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق 27 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ 1890 يۈەن قىلىپ تەڭشىلىدۇ (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى 1900 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ)؛ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، قۇرۇمقاش شەھىرى قاتارلىق 69 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ 1750 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20.7 يۈەن، 18.9 يۈەن (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى 19.0 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ)، 17.5 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 1995-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ تۆۋەن مائاش كاپالىتى تۈزۈمىنى تەستىقلاپ ئورناتقان ھەم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 15 قېتىم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2024-يىلىدىكىسى 16-قېتىملىق تەڭشەش ھېسابلىنىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ