تىزىملىتىش باشلاندى! شىنجاڭدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار 2877 كىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ!

2024.12.24 15:21 مەنبە: خەلق تورى

بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشقا جەمئىي 165 كەسپىي ئورۇن قاتنىشىپ، تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنىدىن 357 نى تەمىنلەيدىكەن، 635 ئادەم تەكلىپ قىلىدىكەن؛ جەمئىي 193 كارخانا قاتنىشىپ، 509 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، 2242 ئادەم تەكلىپ قىلىدىكەن. تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە قانات يايدۇرۇلىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تەكلىپ قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، جەمئىيەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنىنى دەل جايىدا تەۋسىيە قىلىدىكەن، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملىتىشقا تەشكىللەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار قوش تاللاش يىغىنى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

12-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 10:00 دىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 20:00 گىچە تىزىملىتىدىغانلار كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش بويىچە تەكلىپ قىلىش ئىككىلىك كودىنى سايىلەش ياكى تور ئادرېسى ( http://xjrcyj 2024.hersing dat.com) نى كۆرۈش ئارقىلىق، تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنىدىن بىر ئىش ئورنىنى تاللاپ ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدۇ. نەق مەيداندا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش بويىچە قوش تاللاشقا قاتناشقان تەكلىپ قىلىنغۇچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەكلىپ قىلىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىغاندىن كېيىن، چوقۇم تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ تىزىملىتىشى ۋە ماتېرىيال يوللىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەنگە ئالدۇرۇپ بېكىتىلگەن ئىختىساسلىقلار ئالاقىدار ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىياسەت تەمىناتى ( ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇن، ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سىياسەت تەمىناتى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئاساس قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ