يېڭى تەتقىقات: سۈنئىي يۈرەك ئاغرىقلارنىڭ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ھاسىل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن

2024.12.24 15:37 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا «ئايلىنىش» ئايلىق ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈلگەن قىسمەن ئاغرىقلارنىڭ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنى قايتا ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ بايقاش يۈرەك زەئىپلىشىشنى داۋالاشقا، ھەتتا يۈرەك زەئىپلىشىشنى ساقايتىشقا پايدىلىق يېڭى ئۇسۇل بولۇپ قالىدىكەن. سۆڭەك مۇسكۇللىرى زەخىملەنگەندىن كېيىن روشەن قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر توپ تەپكەندە مۇسكۇللار تىتىلىپ كەتسە، ئارام ئېلىپ مۇسكۇللارنىڭ پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىللىق قايتا تۇغۇلۇش نىسبىتى ئاران %0.5 بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى ھامىلە مەزگىلدە ئاكتىپ پارچىلىنىدىكەن، لېكىن ئۇلار ئادەم تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا پارچىلىنىشنى ئاساسىي جەھەتتىن توختىتىپ، ئېنېرگىيەنى ئۈزۈلدۈرمەي قان يەتكۈزۈش خىزمىتىگە سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، دەم ئېلىش ۋاقتى بولمايدىكەن.

نۆۋەتتە سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش يۈرەك زەئىپلىشىشنى داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل. بۇ خىل سۈنئىي يۈرەك سول يۈرەك قېرىنچىسى ياردەمچى قۇرۇلمىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۈرەكنىڭ قان سىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئامېرىكا ئارىزونا داشۆسى ۋە شۋېتسىيە كارولىن شۆيۈەنى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ ياردەمچى قۇرۇلمىسىنى يۈرەك زەئىپلەشكەن بىمارلارنىڭ بەدىنىگە كۆچۈرگەندىن كېيىن، بۇ بىمارلارنىڭ يۈرەك توقۇلمىلىرىنى يىغقان ھەمدە ئۇلارنىڭ تەركىبىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان ھۈجەيرە بار-يوقلۇقىنى ئىز قوغلاپ ئۆلچەپ چىققان. نەتىجىدە، سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈلگەن بىمارلارنىڭ تەخمىنەن %25 ىنىڭ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ياردەمچى قۇرۇلمىسى يۈرەكتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، قاننى غول قان تومۇرغا كىرگۈزۈپ، يۈرەكنى ئاساسىي جەھەتتىن ئارام ئالدۇرىدىكەن، بۇ خىل ئارام ئېلىش بىمارنىڭ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ