دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋمېندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ خې يىچېڭغا مۇنداق دېدى: سىز باش مەمۇر بولغان بۇ بەش يىلدا، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە ياراتتىڭىز، خىزمىتىڭىز ئاسانغا توختىمىدى، شۇنداقلا ناھايىتى نەتىجىلىك بولدى. سىز بۇ نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى، خىرىسلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى كۆپ خىل تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىدىڭىز، تەرەققىي قىلدۇردىڭىز. مەركەز سىزنىڭ ۋە بۇ نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇرنى ھەم ئۇنىڭ باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش كوللېكتىپىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پائال قوللاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى ئۈچۈن، ئاۋمېن ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
خې يىچېڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە ئاۋمېن شەھەر ئاھالىلىرىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ ئاۋمېنغا كېلىپ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جۇشى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بەش يىلدىن بۇيان ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئۈچ يىللىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە قەيسەرلىك بىلەن كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، ئاۋمېن ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.
سەي چى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.