ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرىدۇ

شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا يېتىپ باردى

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى

2024.12.19 15:46 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاۋمېنغا يېتىپ باردى، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئاۋمېنغا يېتىپ باردى، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

سائەت 16لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئاۋمېن خەلقئارا ئايروپورتىغا ئاستا-ئاستا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ، قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئاۋمېن ساقچى ئوركېستىرى قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان قارشى ئېلىش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، شادىيانە تۈستىكى ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئوينالدى. ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا، ئىككى ئۆسمۈر شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ ۋە رەپىقىسى جېڭ سۇجېننىڭ ھەمراھلىقىدا، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن قارشى ئېلىشقا چىققان خادىملار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئاۋمېنلىق نەچچە يۈز ياش-ئۆسمۈر ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىلى دۆلەت بايرىقى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ رايون بايرىقى ۋە گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئاۋمېنغا بېرىشى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار ئايروپورتتا ساقلاپ تۇردى. شى جىنپىڭ زىيارەت رايونىغا بېرىپ، نەق مەيداندىكى مۇخبىرلاردىن ئەھۋال سورىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم گۈزەل ئاۋمېنغا كەلگىنىمدە ئىنتايىن خۇشال بولىمەن. بۇ قېتىم كېلىشىم قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئاۋمېننىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىكى يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈندۇر. ئۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن بارلىق ئاۋمېن ئاھالىسىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 25 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، بۇ ۋەزىيەتنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا ئارتۇقچىلىق تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇلدى، كەلگۈسى پارلاق. بۇ، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ شەرىپى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پەخرى. پەقەت «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دادىللىق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقاندىلا، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئاۋمېن چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاۋمېن ۋەتىنىمىزنىڭ ئالقىنىدىكى مەرۋايىت، مەن بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بارلىق ئاھالىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم. كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، مەن ئايلىنىپ، كۆرۈپ، ھەر ساھەدىكى دوستلار بىلەن كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيا باۋلۇڭ ئالدىن يېتىپ باردى ھەم ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جېڭ شىنسۇڭ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق خاس ۋەكىللەر مەھكىمىسىنىڭ خاس ۋەكىلى ليۇ شيەنفا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاۋمېندىكى قىسمىنىڭ سىلىڭيۈەنى يۈ چاڭجياڭ، جېڭۋېيسى لىن چىڭخۇا قاتارلىقلارمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ