12-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «2025-يىلى سانجى ئوبلاستىنىڭ <تىڭجوۋ تالانتلىقلىرى> ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى سانجى ئوبلاستىغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا جەلپ قىلدى.
«سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەھەتتە تۆت جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى بار: جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، ئىختىساسلىقلار ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل جاي؛ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، ئىختىساسلىقلار كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان گۆھەر زېمىن؛ ئادىمىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان بەختلىك جاي؛ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئىختىساسلىقلار ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئېگىزلىك. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لۇپىڭ تونۇشتۇردى.
12-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى سانجى ئوبلاستىغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا جەلپ قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سانجى ئوبلاستى ئىختىساسلىقلارنى توپلاش تەسىرىنى سىجىل كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەرگە بولغان ئېھتىياج ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ «تىڭجوۋ تالانتلىقلىرى» ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ مۇنەۋۋەر دوكتور، ماگىستىر ئاسپىرانتلارنى كىرگۈزىدىكەن، ئورگان، كەسپىي ئورۇن، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق، كەسپىي رەھبىرىي ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەلىك زاپاس يېتىشتۈرىدىكەن.