پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ! ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ!

2024.12.11 15:59 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور قىلمىشلارنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يول قويۇلىدۇ)» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، 2024-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئامما بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور قىلمىشلارنى پاش قىلسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

«يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دە دىققەت خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق ھالدا يېمەكلىك، دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش، شاخلىتىپ سېتىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ساھەسىگە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور قىلمىشلارغا قارىتا يەنە ھەرىكەت قوللىنىلىپ، مۇكاپاتلاش دائىرىسى، مۇكاپاتلاش شەرتى، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى، مۇكاپاتلاش تەرتىپى قاتارلىق مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئورتاق ئىدارە قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

«يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دە مۇكاپاتلاش دائىرىسى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور قىلمىش، يەنى پەقەت قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور قىلمىشلارنى پاش قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ دەپ بېكىتىلدى. قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور قىلمىش ئاساسلىقى جىنايەتكە چېتىشلىق ياكى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇش، گۇۋاھنامىلەرنى بىكار قىلىش، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇش-مۇسادىرە قىلىش (قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە قانۇنسىز پۇل-مال قىممىتىنىڭ يىغىندىسىنى مۇسادىرە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق مەمۇرىي جازا بېرىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ