شىنجاڭنىڭ بىر جايىدىكى ئەڭ يېڭى كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ـ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش!

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى (2024-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2024.12.11 15:57 مەنبە: خەلق تورى

(1)

ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارى:

دىلمۇرات مەمەت سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

(2)

ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش:

فەن جيەنجيەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىدىن، ھەق تەلەپ سوتى 2-سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقلىقىدىن، سوتچىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

تەيىنلەش:

جاڭ يۈشياڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا، سوتچىلىققا تەيىنلەندى؛

لى پېيلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىقىغا تەيىنلەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ