خەن جېڭ ۋىيېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پېيچىڭشەن بىلەن كۆرۈشتى

2024.12.11 15:55 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ۋىيېتنامنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پېيچىڭشەن بىلەن كۆرۈشتى.

خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى سەپەرداش، ئىسلاھات يولىدىكى ياخشى ھەمراھ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى سۇلىن بىلەن جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى، ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى قوللانما قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشى كېرەك.

پېيچىڭشەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋىيېتنام دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى، ئوبيېكتىپ تەلىپى، ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە ئەڭ ئالدىن تاللىشى. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ