2024-يىللىق ئىككى قىرغاق كارخانىچى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

2024.12.10 15:06 مەنبە: خەلق تورى

2024-يىللىق ئىككى قىرغاق كارخانىچى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يىللىق يىغىنى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئىككى قىرغاق كارخانىچى باشلىقلار يىغىنى كېڭىشىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا سالام يوللىدى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى قىرغاق كارخانىچى باشلىقلار يىغىنى ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىلار ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلارنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە، ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىچى باشلىقلار يىغىنى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادىنى زورايتىشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى-ھەمكارلىشىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇلدى، يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەندى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى قوللايمىز، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى ۋە بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرىمىز.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، ئىككى قىرغاقتىكى كارخانىچىلارنىڭ مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ كېڭەش باشلىقى گو جىنلۇڭ ۋە تەيۋەن تەرەپ كېڭەش باشلىقى ليۇ جاۋشۈەن قاتارلىقلار يىللىق يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئىككى قىرغاقنىڭ يېڭى دەۋر كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى، باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەش، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەرقايسى كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇنبىرى ۋە يىللىق يىغىننى خۇلاسىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككى قىرغاقنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى 700دىن ئارتۇق زات يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ