لى چياڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن «10+1»سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2024.12.10 15:06 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى روسسېف، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى پېڭ ئەنجيې، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىۋېرا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىنىڭ باش كاتىپى گىرېسپان، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچى خۇڭ بو، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كورمان، خەلقئارا راسچوت بانكىسىنىڭ باش دىرېكتورى كارستېنىس، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى نوت، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈنلەر بىلەن بىللە «10+1» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، «تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنياۋى ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە كۆپ تەرەپچىلىك توسالغۇ ۋە خىرىسقا ئۇچراپ، ئېنىقسىزلىقنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىنچ، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى كۈنسېرى نامايان قىلدى. بىرىنچىدىن، مۇقىم ئاشىدىغان يۈرۈشۈش مېخانىزمى بار بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاندا چىڭ تۇرىدۇ. بىز تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماكرو سىياسەتنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىككىنچى، سىجىل يېتىلىۋاتقان ئاشۇرۇلما مىقدار بوشلۇقى بار بولۇپ، يېڭى ئېھتىياج، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرىدۇ. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. ئۈچىنچى، ئاكتىپ، توغرا تاشما تەسىرگە ئىگە بولۇپ، باشتىن-ئاخىر دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش ۋە يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونلىرى تورىنى كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلەش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتىكى تۆۋەن قاتلام لوگىكىسى ئۆزگەرمىدى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈش يۆنىلىشى، پىرىنسىپى ئۆزگەرمىدى، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىقى.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئۆز ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلاپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قىممەتلىك مۇقىملىق، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز كامىل. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئورتاق قوغداپ، قارالمىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ