شىنجاڭدا جۇڭيى تېبابەت دورىگەرلىك مەدەنىيىتى ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەدلىيەلىك قوغداش بازىسى قۇرۇلدى

2024.12.09 15:40 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالتاي شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، ئالتاي تېغى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى مۇزېيىدا ئالتاي تېغى جۇڭيى تېبابەت دورىگەرلىك مەدەنىيىتى ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەدلىيەلىك قوغداش بازىسىنى بىرلىكتە تەسىس قىلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ياۋ پېڭبو، ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى گۇەن رۇڭ قاتارلىقلار بازىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

ئالتاي تېغى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى مۇزېيى شىنجاڭدىكى تۇنجى مەركەزلىك ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئەۋرىشكىسى ياساش، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇزېي. مۇزېيدا ھازىر 1190 خىلدىن ئارتۇق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى بار بولۇپ، مومدىن ياسالغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرى، ئەمەلىي بۇيۇم ئەۋرىشكىلىرى ۋە بوتۇلكىغا چىلاپ ياسالغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرى بار، بۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مول جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقى ۋە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

ئالتاي تېغى جۇڭيى تېبابەت دورىگەرلىك مەدەنىيىتى ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەدلىيەلىك قوغداش بازىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى جۇڭيى تېبابەت دورىگەرلىك مەدەنىيىتى ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەدلىيەلىك قوغداش بازىسى بولۇپ، ھەرقايسى ھەمكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېببىي دورا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن سۇپىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ