جۇڭگو نېفىتى قاتارلىقلار شىنجاڭدا يېڭى شىركەت قۇردى، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال 1 مىليارد 120 مىليون يۈەن بولدى

2024.12.09 15:39 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭدا بىر يېڭى شىركەتنى، يەنى شىنجاڭ جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.

تيەنيەنچا ئورگان تور بېكىتىدىن تەكشۈرۈلۈشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە جايلاشقان شىنجاڭ جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى دېڭ بىن بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 1 مىليارد 120 مىليون يۈەن ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ پايچىكى جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازىغا مەبلەغ سېلىش-ئېچىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى %65 پاينى، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازىغا مەبلەغ سېلىش ـ ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى %35 پاينى كونترول قىلغان.

سودا-سانائەت ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى قۇرۇلۇش قىلىش، توك چىقىرىش كەسپى، توك يەتكۈزۈش كەسپى، توك بىلەن تەمىنلەش (تەقسىملەش) كەسپى بولۇپ، ئۆز مەبلىغى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى، قۇرۇقلۇق تۇرۇبا يولى تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ