شىنجاڭنىڭ بۇ يېمەكلىكلىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولدى! ئاچچىقسۇ، ئاچچىق-چۈچۈك خوگو خۇرۇچلىرى، كەپتەر گۆشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ

2024.12.09 15:35 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 32-قارارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان بىر تۈركۈم مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە ئىستېمالچىلارغا ئەگەر بازاردا قوشۇمچە ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن لاياقەتسىز يېمەكلىكلەرنى بايقىسا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئەرز قىلىش-پاش قىلىش تېلېفونى 12315 كە تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلىش-مەلۇم قىلىشنى ئەسكەرتتى.

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئاشلىقتىن پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار، تېتىتقۇ، گۆش مەھسۇلاتلىرى، توڭلىتىلغان ئىچىملىكلەر، قەنت-گېزەك مەھسۇلاتلىرى، ھاراق تۈرلىرى، يېمەكلىك شېكىرى، پېچىنە-پىرەنىك، ھەسەل مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك ، يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك يېغى، ياغ ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار قاتارلىق 12 تۈردىكى يېمەكلىكتىن 536 تۈركۈم قېتىم ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تەكشۈرۈلدى ۋە ھۆكۈم چىقىرىلدى، لاياقەتلىك ئەۋرىشكە 519 تۈركۈم قېتىم، لاياقەتسىز ئەۋرىشكە 17 تۈركۈم قېتىم بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە لاياقەتسىز مەھسۇلاتلاردىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر يېزا ئىگىلىك دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى نورمىدىن، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش، سۈپەت كۆرسەتكۈچى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، بىيوزەھەر، ئورگانىك ماددىلاردىن بۇلغىنىش ۋە مىكرو ئورگانىزملاردىن بۇلغىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى ئاچچىق-چۈچۈك خوگو خۇرۇچلىرى، تەملىك كالا گۆشى قېقى، چاقىلىق چىلان ئاچچىقسۈيى، چوشقا گۆشى قېقى، مېۋە ھارىقى، كەپتەر گۆشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلار-تىجارەتچىلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەھسۇلاتنى جازىدىن چۈشۈرۈۋېتىش، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ تۈزىتىش، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلدى. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى كارخانا تۇرۇشلۇق جايدىكى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ