12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە بىر قىسىم سىياسەت ھۆججەتلىرىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، 61 سىياسەت ھۆججىتىنى بىكار قىلىش قارار قىلىنغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت، ھۆججەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، 61 سىياسەت ھۆججىتىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى. بىكار قىلىنغان ھۆججەتلەر مەمۇرىي باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىنمايدۇ. ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىكار قىلىنغان قىسمەن سىياسەت ھۆججەتلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە: