12-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ < جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «يولغا قويۇش چارىسى» 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش، قۇملاشقان يەردىن پايدىلىنىش، كاپالەت تەدبىرلىرى، قانۇن جاۋابكارلىقى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي سەككىز باب، 40 ماددا. تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىش، سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇم ئىقتىسادى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «يولغا قويۇش چارىسى»دە ھازىر بار بولغان تەجرىبىلەر مۇقىملاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈلدى، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش بىرقەدەر مۇكەممەل قانۇن-نىزام ئاساسى بىلەن تەمىنلەندى.
مەنبە: خەلق تورى