12-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئاپتونوم رايون بويىچە يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نۆۋەتتىكى قار ـ شىۋىرغان ھاۋارايىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ناچار ھاۋارايى مەزگىلىدە قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىش پەسلىدىكى قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك قىلمىشلارنى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئاخىرى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك گۇڭئەن ئورگانلىرى ئىدىيە جەھەتتىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇنغا نۇقتىلىق خىلاپلىق قىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، يول يۈزىنى باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش تورىنى زىچ، پۇختا توقۇشى كېرەك. بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە، قاتناش-تىرانسپورت، خەلق ئىشلىرى، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق تارماقلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ناچار ھاۋارايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، قار-مۇزلارنى تازىلاش، راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە يول باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشتىكى ماددىي ئەشيا زاپىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە قاپسىلىپ قالغان ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، قىش پەسلىدىكى يوللار، بولۇپمۇ ساياھەت يوللىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەلەپ بويىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى ساقچىلارنى ئەڭ زور چەكتە شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان، ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان، قاتناش مىقدارى كۆپ يول بۆلەكلىرىگە قويۇپ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى جايلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يولغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، قېلىن قار، شىۋىرغانلىق قار، قار كۆچۈش-گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قارىتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى ۋە شەھەر يولى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر بويىچە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىن تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، ئىنچىكە باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ناچار ھاۋارايى كۆرۈلگەندە يوللارنىڭ بىخەتەرلىكى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئارقا سەپ كاپالەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار قوشۇنىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ساقچى كۈچلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تەقسىملەپ، دەم ئېلىش-تەرتىپكە سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىنىش، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يېتەرلىك، تولۇق تەييارلاپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى، خەلق ياردەمچى ساقچىلىرىنى يېتەرلىك ئارقا سەپ كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، قوشۇننىڭ باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى