12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى جياڭسۇنىڭ سۇجوۋ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىنىڭ ئۆلكە ھالقىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى رەسمىي يولغا قويدى. نەق مەيداندا، دۇ خانىم ئۆزىنىڭ «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميانى» ئارقىلىق خېنەندە تۇرۇۋاتقان دادىسىغا 500 يۈەن يۆتكەپ بەردى، دۇ خانىمنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئۆزئارا ياردەم بەرگۈچىسى بولغان دادىسى دەرھال پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، كېسەل كۆرسىتىشكە ئىشلەتتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈرتكە بولۇشى بىلەن، نۆۋەتتە، جياڭسۇ، خېبېي قاتارلىق توققۇز ئۆلكىدىكى 31 بىرتۇتاش پىلانلاش رايونى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىنى ئۆلكە ھالقىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شەخسىي ھېساباتنىڭ ئەسلىدىكى رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن. بۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كەڭ ئامما ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
2021 ـ يىلى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت بېسىپ تارقىتىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان «جورىسى، ئاتا ـ ئانىسى، پەرزەنتلىرى»گىچە كېڭەيتتى. بۇ يىل 7 ـ ئايدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يەنە بىر قېتىم ھۆججەت بېسىپ تارقىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىدىكى تۇغقانلىرىغا ياردەم بېرىش دائىرىسىنى «جورىسى، ئاتا ـ ئانىسى، پەرزەنتلىرى»دىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان «يېقىن تۇغقانلىرى»غىچە كېڭەيتتى.