ئىنتايىن پايدىلىق! بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ!

2024.12.03 15:54 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى، باج باش ئىدارىسى، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى «چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرگە سالغان ئىستراتېگىيەلىك سېلىنمىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدى، 2024-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىدۇ.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «چارە»دە مەبلەغ سېلىش بوسۇغىسى ئاساسلىقى بەش جەھەتتىن تۆۋەنلىتىلدى. بىرىنچى، چەت ئەللىك تەبىئىي ئىگىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۈلۈك تەلىپى كەڭ قويۇۋېتىلىدۇ. ئۈچىنچى، تەكلىپلىك سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى كۆپەيتىلىدۇ. تۆتىنچى، نىشانلىق تارقىتىش، تەكلىپلىك سېتىۋېلىش شەكلىدە ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش يولغا قويۇلغانلىرىدا، چېگرا سىرتىدىكى پېيى بازارغا سېلىنمىغان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى باھاغا سۇندۇرۇپ چىقىم قىلىشقا يول قويۇلىدۇ. بەشىنچى، پاي چېكى نىسبىتى ۋە پاي چېكىنىڭ قۇلۇپلىنىش قەرەلىگە قويۇلغان تەلەپ مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىدۇ.

كەسپىي زاتلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «چارە»دە مەبلەغ سېلىش بوسۇغىسى ب ئاساسلىقى ەش جەھەتتىن تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت تاشقى مەبلەغنىڭ ئاكسىيە بازىرىغا سېلىنىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش يوللىرىنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش، قىممەت سېلىنمىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ