ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ تېڭشۈن جاۋاب قايتۇردى

2024.12.03 15:54 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، «ئۈندىداردىن پۇل چىقىرىشتا رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن تېما قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

بىر تورداش مۇنداق دېدى: پۇلنى مائاش كارتىسىدىن بىۋاسىتە ئۈندىدارنىڭ لىڭچيەنتۇڭىغا يۆتكىسىڭىز بولىدۇ، ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا لىڭچيەنتۇڭدىن مائاش كارتىسىغا يۆتكىسىڭىز رەسمىيەت ھەققى تۇتۇلمايدۇ.

تېڭشۈن خېرىدارلار مۇلازىمىتى بانكا كارتىسىدىن لىڭچيەنتۇڭغا يۆتكىگەن مەبلەغنى بانكا كارتىسىغا ھەقسىز يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقىنى جەزملىدى. لىڭچيەندىن لىڭچيەنتۇڭغا يۆتكىگەندە، پەقەت لىڭچيەنگىلا يۆتكەشنى قوللايدۇ، مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ؛ ئەگەر بانكا كارتىسىدىن ئاغدۇرغان مەبلەغنى لىڭچيەنگە يۆتكىۋېتىپ، ئاندىن لىڭچيەندىن بانكا كارتىسىغا يۆتكىگەندە لىڭچيەندىن پۇل چىقىرىش قائىدىسى بويىچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ