دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو پۇقرالىرى تېزدىن چېكىنىپ چىقىشى ياكى يۆتكىلىشى كېرەك

2024.12.03 15:53 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 2-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر نۆۋەتتىكى سۈرىيە ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو تەرەپ سۈرىيەدىن چياۋمىنلارنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشقان- ئويلاشمىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ سۈرىيە خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلدى. جۇڭگونىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، شۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتتىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يەردە بىز يەنە سۈرىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېزدىن چېكىنىش ياكى نىسپىي بىخەتەر رايونغا يۆتكىلىشنى ئەسكەرتىمىز. ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئەلچىخانا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ ياردەم سوراڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ