تۆت بانكا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى!

2024.12.03 15:52 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى جۇڭگو بانكىلار ئارا بازار سودىگەرلىرى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى يېقىندا جياڭسۇ چاڭشۇ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جياڭسۇ جياڭنەن يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جياڭسۇ كۇنشەن يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جياڭسۇ سۇجوۋ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زايوم سودىسىنى ئىچكى جەھەتتىن كونترول قىلىش، باشقۇرۇشىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگەن، سودىلاشقۇچىلارنى زىيادە رىغبەتلەندۈرگەنلىكتىن، قىسمەن سودىلاشقۇچىلارنىڭ سودا ھەرىكىتى بۇرمىلىنىپ، مەبلەغ ئەۋزەللىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇدا ئېلىپ-سېتىش، ئۆزى سېتىۋېلىپ ئۆزى سېتىش ۋە كۆپ قېتىم باھا مەلۇم قىلىپ-باھانى بىكار قىلىپ سودىنى يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زايوم باھاسىغا تەسىر يەتكۈزگەن، قىسمەن سودا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە چېتىلغان. سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە تەلەپچانلىق قائىدىسىگە ئاساسەن تەلەپچان بولۇش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ