مۇخبىرنىڭ چىڭخۇا داشۆسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر ئوقۇغۇچى بۇ يىل 11-ئايدا باشقا مەكتەپتە باشقىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بىر ئوقۇغۇچى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ سىرتىدىكىلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ پايدا ئۈندۈرگەچكە، مەكتەپتە قالدۇرۇپ كۆزىتىش جازاسى بېرىلدى.
بىر ئوقۇغۇچى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ سىرتىدىكىلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ پايدا ئۈندۈرگەچكە، 2023-يىل 10-ئايدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. لېكىن بۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تولۇق تونۇماي، «قارا يول باشلىغۇچى»نىڭ ئازدۇرۇشى، كۈشكۈرتۈشى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، جازا مۇددىتى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ پايدا ئۈندۈرۈشنى باشلىغان، 2024-يىل 6-ئايدا بايقىلىپ قالغان. مەكتەپنىڭ ئىنتىزام جازاسىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ئېغىرلىتىپ مەكتەپتە قالدۇرۇپ كۆزىتىش جازاسى بېرىلگەن ھەمدە ئالاقىدار تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ۋە باشقا ھوقۇق-مەنپەئەتنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ تاشلانغان.
بىر ئوقۇغۇچى ئۆز مەيلىچە توكسىكلىت باتارېيەسىنى ئېلىپ بىناغا كىرىپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
بىر ئوقۇغۇچى 2024-يىل 9-ئايدا ئۆز مەيلىچە توكسىكلىت باتارېيەسىنى ئېلىپ بىناغا كىرگەن ھەمدە ياتاقنىڭ مەركىزىي زالىدا توك قاچىلىغان، بۇنى ئوقۇغۇچىلار مەھەللە خىزمەتچىلىرى دائىملىق تەكشۈرۈشتە بايقىغان. مەكتەپنىڭ ئىنتىزام جازاسىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ھەمدە ئالاقىدار تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ۋە باشقا ھوقۇق-مەنپەئەتنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىنغان
بىر ئوقۇغۇچى باشقا مەكتەپتە باشقىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
بىر ئوقۇغۇچى 2024-يىل 11-ئايدا باشقا مەكتەپتە باشقىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ھەمدە دوستلار چەمبىرىكىدە نامۇۋاپىق سۆز قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىگە ناچار تەسىر يەتكۈزگەن. مەكتەپنىڭ ئىنتىزام جازاسىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ھەمدە ئالاقىدار تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش ۋە باشقا ھوقۇق-مەنپەئەتنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىنغان.