لىتۋا دىپلوماتىيە خادىملىرىمىزدىن سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جاۋاب قايتۇردى!

2024.12.03 15:51 مەنبە: خەلق تورى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىتۋا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى، لىتۋا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قىلچە ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ لىتۋادا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىدىكى ئالاقىدار دىپلوماتىيە خادىملىرىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، سۈرۈك ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قوپاللىق بىلەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى، لىتۋا تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىدا بەرگەن سىياسىي ۋەدىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، جۇڭگو-لىتۋا مۇناسىۋىتىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىققا پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇڭگو - لىتۋا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، لىتۋا ئەكسىچە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە قايتا ـ قايتا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

جۇڭگو تەرەپ لىتۋا تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۈشنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگو-لىتۋا مۇناسىۋىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىتۋا تەرەپكە قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. پات ئارىدا قۇرۇلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو-لىتۋا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن شارائىت توپلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ