ئىككى تارماق «قاتناش -تىرانسپورت ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، نۇقتىلىق تۈر مەبلىغىنىڭ چىقىم دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2024.12.03 15:50 مەنبە: خەلق تورى

مالىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى «قاتناش-تىرانسپورت ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى، بۇ چارىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق تۈر مەبلىغىنىڭ چىقىم دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە ئادەتتىكى دۆلەت يولى چىقىمى؛ (2) دۆلەت دەرىجىلىك پورت تاشيول چىقىمى؛ (3) ئىچكى دەريا يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ يولى (چاڭجياڭ دەرياسى غول لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) چىقىمى؛ (4) دېڭىز بويىدىكى پورتلارنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە چىقىمى؛ (5) ئۇنىۋېرسال قاتناش يۇغۇرما تەرەققىيات چىقىمى؛ (6) قاتناش- تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالەت چىقىمى؛ (7) قاتناش-تىرانسپورتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش چىقىمى؛ (8) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قوشۇلغان باشقا قاتناش-تىرانسپورت چىقىمى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ