«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسى كامبودژانىڭ فىنوم پېندا ئۆتكۈزۈلدى

2024.12.02 15:31 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كامبودژا فىنوم پېندا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. كامبودژا خەلق پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كامبودژا-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ئىسسانئو ۋە كامبودژا پارلامېنتى، كېڭەش پالاتاسى، ئەدەبىيات-سەنئەت مىنىستىرلىقى، ساياھەت مىنىستىرلىقى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق مىنىستىرلىقى، ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، كارخانا، خۇاچياۋ، خۇارېنلار، تاراتقۇ قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلاردىن تەخمىنەن 100 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى كۆپ نۇقتىدىن شەرھلىدى.

جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە جۇڭگو-كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، شىنجاڭ بىلەن كامبودژانىڭ يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ياخشى ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ