شىنجاڭ قەشقەر قاغىلىق ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى

2024.12.02 15:29 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قاغىلىق مىردەي ھەممىباب ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇش» بىرلەشمە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى سىناق نۇقتىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇش» بىرلەشمە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىر خىل ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورى ئەندىزىسى بولۇپ، ئاساسلىقى غول لىنىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋە تارماق لىنىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يولۇچىلار بىلەن مالنىڭ ئاساسلىق تۈگۈن ئايرودۇرۇم بىلەن بىرقەدەر كىچىك تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارىسىدا قولايلىق توشۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

قاغىلىق مىردەي ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ لوق يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1582.13 مو، ئومۇمىي سېلىنمىسى 207 مىليون يۈەن، ئورنى A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇم، ئۇچۇش رايونىنىڭ كۆرسەتكۈچى 3B بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش-قونۇش يولىدىن بىرى، تىك ئالاقە يولىدىن ئىككىسى ياسالغان، 3180 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بىناسى، 15 ئايروپىلان ئورنى (بۇنىڭ ئىچىدە B تۈردىكى ئايروپىلان ئورنىدىن 12سى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئورنىدىن ئۈچى) بار.

ئىگىلىنىشىچە، قاغىلىق مىردەي ھەممىباب ئايرودۇرۇمى شىنجاڭدىكى A تۈردىكى 3-ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇش، تىجارەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلىدىغان تۇنجى ھەممىباب ئايرودۇرۇمى ئىكەن. ئايرودۇرۇمدا رەسمىي قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، قاغىلىقنىڭ يەرلىك ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قاغىلىق-قەشقەر، قاغىلىق-خوتەن، قاغىلىق-يەكەن قاتارلىق تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى تورى تۇتاشتۇرۇلىدۇ؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى بويىچە ئۇچۇشنى ئاساسلىقى قاغىلىقنى مەركەز قىلىش، ئەتراپتىكى 800 كىلومېتىر دائىرىدىكى قوشنا رايون، شەھەرلەرنىڭ كۈندىلىك بېرىش-كېلىش كەسىپ ئېھتىياجىنى قاپلاش، ساياھەتچىلەرگە سەپەرگە چىقىشتا تېخىمۇ كۆپ تاللاش ۋە قولايلىقلىق يارىتىش پىلانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ