بايا ئېلان قىلىندى! باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %63 تۆۋەنلىدى!

2024.12.02 15:30 مەنبە: خەلق تورى

28-چېسلا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2024-يىللىق دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى ھەم يېڭى نۇسخىدىكى دورا مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلدى.

2024 ـ يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى ئاساسلىقى يېقىنقى بەش يىلدا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ياكى چۈشەندۈرۈلۈشىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دورىلار، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، دۆلەت تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىلھام بەرگەن بالىلار دورىلىرى ۋە تەقلىدىي دورىلار ھەمدە دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇناسىپ تەرتىپ ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە جەمئىي 91 خىل دورا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، بۇلار ئۆسمىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىدىن 26 خىل (ئاز ئۇچرايدىغان تۆت كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىدىن 15 خىل (ئىككى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىدىن 13 خىل، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدىغان دورىدىن 7 خىل، تەييار جۇڭيى دورىسىدىن 11 خىل، روھىي كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان دورىدىن 4 خىل ھەمدە باشقا ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان دورىدىن 21 خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسمەن دورىلارنىڭ كۆپ خىل داۋالاش ساھەسى بار ياكى قىسمەن كېسەللىك تۈرى تەكرارلىنىدىغان (مەسىلەن، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسمە) بولغاچقا، تۈرگە ئايرىش سانى ئومۇمىي ساندىن كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىلىنىكىدا ئورنى ئالماشتۇرۇلغان ياكى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەپچىقىرىلمىغان، تەمىنلەنمىگەن 43 خىل دورا چىقىرىلدى.

يېڭى نۇسخىدىكى مۇندەرىجىدىكى دورىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3159 خىلغا كۆپەيتىلدى

بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن، مۇندەرىجىدىكى دورىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3159 خىلغا كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە غەربچە دورا 1765 خىل، جۇڭيىچە تەييار دورا 1394 خىل بولۇپ، ئۆسمە، سوزۇلما كېسەللىك، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يىلقى سۆھبەت\باھا تالىشىش ھالقىسىغا مۇندەرىجە سىرتىدىكى جەمئىي 117 دورا قاتناشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 89 سۆھبەت/باھا تالىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %76 بولۇپ، باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %63 تۆۋەنلەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن 2023-يىلىدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.

يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. باھاسىنى چۈشۈرۈش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش ئامىللىرى گىرەلەشتۈرۈلۈپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلى ئاغرىقلارنىڭ يۈكى 50 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك يېنىكلىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ