خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى دوكلاتى: دۇنيادا مائاش باراۋەر بولماسلىق ھادىسىسى سەل-پەل ئازايدى

2024.12.02 15:28 مەنبە: خەلق تورى

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم دۆلەتتە مائاش باراۋەر بولماسلىق ئەھۋالى سەل ئازايغان. بىراق، دوكلاتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يەنىلا روشەن مائاش پەرقى مەۋجۇت، دېيىلدى.

بۇ دوكلاتتا بايقىلىشىچە، 21 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مائاش جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىك سەۋىيەسى (يۇقىرى كىرىملىك ۋە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ مائاش پەرقىدە ئىپادىلىنىدىكەن) ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى %0.5 تىن%1.7 كىچە تۆۋەنلىگەن. تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ تۆۋەنلەش ھەجمى ئەڭ زور بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.2 تىن %9.6 كىچە تۆۋەنلىگەن. بىرقەدەر باي دۆلەتلەردە، مائاش جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىك سەۋىيەسى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.3 تىن %1.3 كىچە تۆۋەنلىگەن، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.3 تىن %0.7 كىچە بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، گەرچە مائاش جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىك سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن سەل-پەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، مائاش سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى ئەمگەكچىلەر ئىچىدە، مائاش جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىك سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى تېخىمۇ زور بولغان.

دوكلاتتا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا مائاشنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پۇلنىڭ پاخاللىشىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان. 2023-يىلى دۇنياۋى ئەمەلىي مائاش (پۇل پاخاللىقى ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە) ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشقان، 2024-يىلى %2.7 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ، 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى 2022-يىلى، پۇلنىڭ پاخاللىشىش نىسبىتى نامدىكى مائاشنىڭ ئۆسۈشىدىن ئېشىپ كېتىپ، پۈتۈن دۇنيادا مائاشنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتىدە «مەنپىي ئېشىش» كۆرۈلگەن.

مائاشنىڭ ئۆسۈشىدە پەرق بار. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىشى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ھەمدە شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى مائاشلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمەلىي مائاشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى باشقا رايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان.

دوكلاتتا مائاش باراۋەرسىزلىكى يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېيىلدى. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولغان %10 ئەمگەكچى پۈتۈن دۇنيا مائاش كىرىمىنىڭ پەقەت %0.5 ىگىلا ئېرىشەلەيدىكەن، كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان %10 ئادەم %38 كە يېقىن دۇنيا مائاش كىرىمىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ