دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئەر ئالەمدىن ئۆتتى

2024.11.28 15:38 مەنبە: خەلق تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 26-چېسىلا، جىننىس دۇنيا رېكورتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئەرلەر ئۇنۋانىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان جون تىننېستوۋۇد 25-چېسىلا ئەنگلىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىننىسۋۇد 1912-يىلى 8-ئايدا ئەنگلىيە لىۋىرپۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. جىننىس دۇنيا رېكورتىدا دېيىلىشىچە، ئۇ تەپەككۇرنى جانلىق ھالەتتە ساقلاپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۆزىنىڭ مالىيەسىنى باشقۇرغان، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ