11-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى «كەسكىن بايانات» ئېلان قىلدى: يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى «گوكەي شيەنشىڭ» دېگەن Appنىڭ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات، سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئىستېمالچىلار، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئازدۇرغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى تۆۋەندىكىدەك كەسكىن بايانات ئېلان قىلىدۇ: بىرىنچى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «گوكەي شيەنشىڭ» دېگەنApp ۋە ئۇنىڭ باغلىنىشلىق كارخانا ۋە خادىملار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇنىڭغا ئالاقىدار تور سىرتى، توردىكى بازار تىجارەت پائالىيىتى ۋە باشقا بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىردەك دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئىككىنچى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ياكى دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى قارىمىقىدىكى تارماق شىركەتلەرنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ رويخەتكە ئالدۇرغان، تەشۋىقات، سېتىشنى قانات يايدۇرغان ھەمدە باشقا قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى ئالاقىدار تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە يەنىمۇ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۈچىنچى، كەڭ ئىستېمالچىلار، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى سورايمىز.