11-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى دەپ كۆرسەتتى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ھەم دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنىڭ قاتناشقۇچىسى، مەنپەئەتلەنگۈچىسى، ھەم مۇستەھكەم قوغدىغۇچىسى، قۇرغۇچىسى بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ كەلدى. جۇڭگو كەسىپ سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ؛ مەۋقەنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارغا قويۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئوچۇق دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
خەن جېڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەسىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تەرەققىي قىلىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى يارىتىدۇ. ئۈچىنچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يېشىل كەسىپ، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
ئارقىدىن، خەن جېڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ نۆۋەتلىك تەمىنات زەنجىرى كۆرگەزمىسىدە «دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش» دېگەن باش تېما داۋاملاشتۇرۇلدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەت تارماقلىرى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار، سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق قىسمەن ئەلچىلەر قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1100 كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، خەن جېڭ تەمىنات زەنجىرى كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، رەقەملىك پەن-تېخنىكا، پاكىز ئېنېرگىيە، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق كۆرگەزمە رايونلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.