مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا سىنگاپورنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2023-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ مەنزىل ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇق مېھرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
لى شيەنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، سىنگاپور تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسى ۋە نەتىجە-ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
خۇ چۇنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.